作词 : Akbar Kilic
作曲 : Akbar Kilic
مۇزىكىسى: قاسىم سىدىق
تىكىستى: نۇرمەمەت روزى
تاڭ ساباسى يەلپۈسە لەرزان نازغىدۇ گۈللەر
گۈل بىلەن تەڭ مەستانىدۇر شەيدا كۈڭۈللەر
تاڭ ساباسى يەلپۈسە لەرزان نازغىدۇ گۈللەر
گۈل بىلەن تەڭ مەستانىدۇر شەيدا كۈڭۈللەر
زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سىنى يۇلتۇزلۇق تۈنلەر
تەنھالىقتا بىر ئاشىغىم بۇقۇلدار ئۈنلەر
زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سىنى يۇلتۇزلۇق تۈنلەر
گۈللەرگۈللەر پۇرىسا گۈللەر
تۈنلەر تۈنلەر يۇلتۇزلۇق تۇنلەر
تەنھالىقتا بىر ئاشغىم بۇقۇلداپ ئۈنلەر
♬♬♬
گۈل بەرگىدە سەھەر پەيتى پارلايدۇ شەبنەم
گۈلگە قاراپ يارنى ئەسكە ئالىمەن ھەردەم
گۈلگە قاراپ يارنى ئەسكە ئالىمەن ھەردەم
بوپ قالغانمۇ جانۇ ـ جىسمىم گۈلگە مۇجەسسەم
ھىدلىرىڭنى گۈل ھىدىدىن ھىدلىدىم سەنەم
♬♬♬
باسالمىدى ئوتلۇرۇڭنى ئىپارۇ ئەنبەر
قەيەرلەردە قارارگاھىڭ گۈل يۈزلۈك دىلبەر
ئەي…
سىنى ئىزلەپ تاپالمىدىم سەھرايۇ شەھەر
كۆرسەت ۋىسال بەرگىن بىر خەۋەر
سىنى ئىزلەپ تاپالمىدىم سەھرايۇ شەھەر
كۆرسەت ۋىسال بەرگىن بىر خەۋەر
گۈللەرگۈللەر پۇرىسا گۈللەر
تۈنلەر تۈنلەر يۇلتۇزلۇق تۈنلەر
قۇچاغىمدا يار بولمىغاچ كۆكسۈمدە چۆللەر
قۇچاغىمدا يار بولمىغاچ كۆكسۈمدە چۆللەر