作词 : 阿卜杜麦麦提·阿卜杜热曼
作曲 : 民间
مۇزىكا ئۈنۈملىگۈچى: يۈسۈپجان سۇلايمان
ناخشىدا:سەلىم ئىمامبەردى
ناخشا: تاجىك ئۇسۇل
تالى مەجنۇن ساڭا مەپتۇن،
دىلغا ھوزۇر تاجىك ئۇسۇل.
كۆكتە ئۇچقان بۈركۈت كەبى،
شۇنچە مەغرۇر تاجىك ئۇسۇل.
تاجىكىمنىڭ شۆھرىتى شانى،
قىلدىڭ بايان تاجىك ئۇسۇل.
ئەجداتمنىڭ خۇش-سىماسى،
سەندە ئايان تاجىك ئۇسۇل،
سالدىڭ دىلغا ئوتلۇق ھەۋەس،
زەپ نۇرانە تاجىك ئۇسۇل .
ئۇنتۇلدۇردۇڭ قايغۇ دەرتنى،
شادىيانە تاجىك ئۇسۇل.