Shekirim - Rejez/NIJAT_YASIN/KEVSER
Lyrics by:Rejez/KEVSER
Beats by:KEVSER
Mixed by:KEVSER
Rejez:
قەددى سەرۋى پۇزۇر
دىل-ئارامغا مەزۇر
ئۇندىن باشقا نۇر زىيادىن تاپالـمىدىم ھوزۇر
ئاشىقى نىداھىم ، كۆڭلۈمگە مەنزۇر
نىگارىم تىكەن بولسا سانجىلىشى بەھەزۇر
كۆزۈمدۇر ئەما
قەتلىئام ھارامدۇر مەزلۇم بىلەن ۋىدا قىلـماستىن دىدار
ئۈزۈمدۇر ئەمما
چېكىلـمەيلا شىرنە شېرىنلىكى قىلدى ئۇيقۇدىن بىدار
بارخانلار كەبى پاسىل سىياق ھىسار توسۇق
ئېزىتقۇ گۇگۇمى يالغان
بەھەيۋەت تاغ كەبى ھاسىل داۋان بوسۇق
ئىشقىم بىلەن كۇكۇمى تالقان
ئۆزۈم سۇلتان كۆڭۈل ھوزۇرۇمغا بەيئەت
دىلدارسىز يوق كۆڭلۈمدە ئۇتۇق
كۆڭۈل ۋەزىر، شىكارىم ھەيۋەت
يا ئوقۇمغا بەرمىگەچ زىبانىم تۇتۇق
NIJAT_YASIN:
ئەي گۈزەلىم مەڭزىڭگە ياق يۈزۈمنى، لەۋ سۈرەي بەرگىڭگە
ئەيلىمە خار، قىلـما خەستە ھېچ، داۋا سەندە دەردىمگە
جانىم گۈزەلىم مەڭزىڭگە ياق يۈزۈمنى، لەۋ سۈرەي بەرگىڭگە
ئەيلىمە خار، قىلـما خەستە ھېچ، داۋا سەندە دەردىمگە
KEVSER:
ھىم... بىر يازساق،
لېۋى ھەسەل نازلىرىڭغا غەزەل يازساق،
بولسا شەيتان سەندەك گۈزەل، مەيلى رۇخسەت سېنىڭ ئىشقىڭدا بىرقېتىم ئازساق،
ئالساق قازىنىپ، يوقاتقان ئەقىلنىڭ يېرىگە گۈزەلنىڭ نەزەرى،
ئۇنى سۆيمەك بەلكىم خەتەر، كەبى ئېلېكترىك ھەركىم ئەيلىمەك ھەزەرى.
تىزدى كىم؟
يوقۇتۇپ خۇدۇمنى گوياكى تىزىلدىم تال-تال كىرپىكلىرىڭنىڭ ئارىسىغا شۇندا، پەرىشتەم سېنىڭدا ئورنۇمنى تاپتىم،
سىزدى كىم؟
سېنىڭ كەبى گۈزەل ئەسەرنى، ئاھ، ياندىم... تام شۇ زامان كەچمىش بېتىنى ياپتىم،
ئاچاي دەپ ساڭا يېڭى بەت، ئەقىل-ھوشۇمنى تۇيۇقسىز ئەزدى كىم؟
سېنى مەن تاپتىم يەردىكى پەرىشتەم سېنى مەندىن ئۆزگە سەزدى كىم؟