作词 : Ablajan Awut Ayup
作曲 : Ablajan Awut Ayup
يەنە كەلدى بىر كۆرۈشۈش پەيتى،
ئۇزۇندىن بىرى ماڭا.
قايتىدىن دىلىمدا ئۇرغىدى ھاياجان،
بۇ گۈزەل مىنۇتلاردا.
ساڭا سوۋغات ئىزدەپ ماگزىنلارنى،
ئارىلىدىم قايتا-قايتا.
ئەگەر ياقتۇرساڭ كىچىككىنە كۆڭلۈمنى،
تولارمەن خۇشالىققا.
ساڭا كۆڭۈلدىكى سۆزلەر مارجان بولۇپ،
تېزىلدى ئىچىمگە تولۇپ.
لىكىن مەن سىياقىڭنى كۆرە-كۆرمەي،
يەنە كەتتىم ھەممىنى ئۇنتۇپ.
مەن ساڭا شۇ قەدەر ئامراق،
ئىشەنگىن سۆزلۈرۈم ئەمەس چاقچاق.
كەتمىگىن مىنىڭدىن يىراق،
چۈشەن كۆڭلۈمنى بۈگۈن.
مەن ساڭا شۇ قەدەر ئامراق،
ئىشەنگىن سۆزلۈرۈم ئەمەس چاقچاق.
كەتمىگىن مىنىڭدىن يىراق،
چۈشەن كۆڭلۈمنى بۈگۈن.
ئەزەلدىن ئىدىم بىر ئەسكى يىگىت،
يۈرەتتىم شوخ شادىمان.
شەھلا كۆزۈڭنى بىر كۆرگەندىن بىرى،
بوپ قالدىم باشقىچە ئىنسان.
دوسىتلار نېمە سەۋەپ نېمە بولدى،
دەپ سورار بولۇپ ھەيران.
مۇڭداشسام دەيمەن سەن بىلەن باشقىغا،
پەقەت سۈرگۈم يوق زۇۋان.
ساڭا كۆڭۈلدىكى سۆزلەر مارجان بولۇپ،
تېزىلدى ئىچىمگە تولۇپ.
بۈگۈن غەيرەتكە كېلىپ سۆزلەر بولدۇم
ئاڭلىغىن جانىم كۆڭۈل قويۇپ
مەن ساڭا شۇ قەدەر ئامراق،
ئىشەنگىن سۆزلۈرۈم ئەمەس چاقچاق.
كەتمىگىن مىنىڭدىن يىراق،
چۈشەن كۆڭلۈمنى بۈگۈن.
مەن ساڭا شۇ قەدەر ئامراق،
ئىشەنگىن سۆزلۈرۈم ئەمەس چاقچاق.
كەتمىگىن مىنىڭدىن يىراق،
چۈشەن كۆڭلۈمنى بۈگۈن