作词 : 无
作曲 : Ghulameli Ghupur
( HayatFM saloni )
قان يۈتتۈممۇ زەھەرمۇ ھەم
بىلمىدىم ئۆزۈممۇ ھەم كىتەرسەنمۇ
كۆزلىرىمدىن ياش ئېلىپ كىتەرسەنمۇ
بىلمىدىم يولۇم قايان
پۇتۇم ئاشماس تاغ - داۋان يۈرەرمەنمۇ
بىر ئۆمۈر بەختىڭ تىلەپ
ئاخىرىتىمنى تىلەپ ئۆلەرمەنمۇ
♪♪♪
سوراپ سېنى ئايلاردىن
خۇشال ئۆتكەن كۈنلەردىن تاپارمەنمۇ
يالغۇزلۇقتا ئاھ ئۇرۇپ
سۈرىتىڭگە يالۋۇرۇپ ئۆتەرمەنمۇ
ئۆز - ئۆزۈمنى مەن ئالداپ
بۇ كۆزۈمنى ھەم ياشلاپ ئۆتەرمەنمۇ
يۈرەگىمنى ھەم يۇلۇپ ئالارمەنمۇ
♪♪♪
ئۇنۇتالماي بىر كۈنى
ماڭا ئوخشاش ھەم كۆيۈپ يۈرەرسەنمۇ
يىغلاپ يايرىم كۈن تۈنى
ئەسلەپ يەنە ئۆزۈڭنى كۈلەرسەنمۇ
زار ئۆتۈلسە شۇ قەدرىم
ئاسمان ئېگىز يەر قاتتىق ئۆلەرسەنمۇ
بەخىت تىلەپ مەن قالسام
قېنىم ئىچىپ ھەم ياشاپ سۆيەرسەنمۇ
زار ئۆتۈلسە شۇ قەدرىم
ئاسمان ئېگىز يەر قاتتىق ئۆلەرسەنمۇ
بەخىت تىلەپ مەن قالسام
قېنىم ئىچىپ ھەم ياشاپ سۆيەرسەنمۇ