作词 : Jalal Anwar
作曲 : Jalal Anwar
编曲 : Jalal Anwar
سېغىنىش بۇ بىر مۇھەببەت، ئۇ بىر دۇنيا
چاڭقىغان قەلبكە ئوخشار ئۇ بىر گويا
گاھى مەن تىمتاس خىيالدا، گاھى شەيدا
ھەسرىتىم نالە بوپ ئايغا، بولغىن پەيدا
يەتمىدىم، يېتەلمىدىم
كەچمىدىم، مەن كېچەلمىدىم
بۇ ئىشق قىيناپ شۇنچە
يا سەنسىز ھېچ كۈلەلمىدىم
بىلمىدىم، بىلەلمىدىم
سېغىندىم يا ئېيتالمىدىم
تىلسىز بوپ مەن كېچەلەردە يۈرەلمىدىم
ئىزلىدىم پىنھان كېچەم، سەن مېنىڭ يانىمدا بولغىن
مەنسىز ھەر باھارلاردا ھەر مىنۇت يادىڭغا ئالغىن
گاھى مەن تىمتاس كېچە گاھى مەن خىيالدا قالدىم
يەتتىمۇ ئاھىم ساڭا، سېغىنىش كۈيلەرگە قاتتىم
يەتمىدىم، يېتەلمىدىم
كەچمىدىم، مەن كېچەلمىدىم
بۇ ئىشق قىيناپ شۇنچە
يا سەنسىز ھېچ كۈلەلمىدىم
بىلمىدىم، بىلەلمىدىم
سېغىندىم يا ئېيتالمىدىم
تىلسىز بوپ مەن كېچەلەردە يۈرەلمىدىم