编曲 : 无
رومالى
قومۇل 12 مۇقامىدىن پارچە
تەرجىمان:ئەزھەرجان مەھمۇد
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:قاسىم ياسىن
ئاۋاز ئۈنۈم : ئەلى ئاقسوپا
يار بېشىدا رومالى ساچبېشىدا رومالى
ئاخشام ئىچكەن قەن چاينىڭ ئەمدى تۇتتى خۇمارى .
ۋاي تاش خاندو بىلەن ماش
سېنىڭكى يارىڭدىن مېنىڭكى يارىم ياش
مۇزىكا
ئېچىلمىغان گۈللەردىن ئېچىلغان تىكەن ياخشى
بىۋاپانى سۆيگەندىن تەنھا يۈرگىنىم ياخشى
ۋاي تاش خاندو بىلەن ماش
سېنىڭكى يارىڭدىن مېنىڭكى يارىم ياش
مۇزىكا
ئېرىق بولسا كەڭ بولسا سۇنى قويسا تاشمىسا
يار بولسا لەۋەن بولسا سۆيۈپ قويسا قاچمىسا
ۋاي تاش خاندو بىلەن ماش
سېنىڭكى يارىڭدىن مېنىڭكى يارىم ياش
مۇزىكا
ئوينايدىغۇ ئوينايدۇ ھەرجايلاردا ئوينايدۇ
راس گېپىنى ئېيتمايدۇ شېرىن جاننى قىينايدۇ
ۋاي تاش خاندو بىلەن ماش
سېنىڭكى يارىڭدىن مېنىڭكى يارىم ياش