作词 : Zzzz
作曲 : Zzzz
يەنە يازدىم ئاشۇ ناخشامنى
كۈيلەپ گۈزەل ئايدىڭ ئاخشامنى
سېغىنىمەن ئوماق يايرىمنى
چىدىمايمەن سەنسىز ياشاشقا
سەنسىز كۈنلەر ئازابلار مېنى
سەۋەبسىزلا يەنە تاشلاشنى
بىرگە كۆڭۈللەرنى بېرىشكەن
بەختىمسەن دەپ تويماي كۆيۈشكەن
ئايرىلماسقا ۋەدە بېرىشكەن
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ماڭا
سەن يوق كۈنلەر ئازابلار مېنى
ھەر ۋاقىت ھەر مىنۇت سېغىندىم سېنى
چىن مۇھەببەت ئوتىدا يانسۇن
سۆيۈشلىرىڭ دىلىمدا قالسۇن
ۋاز كېچىشلەر ئەمدى بولمىسۇن
سەنلا بولساڭ خۇشال بۇ كۈنۈم
ساڭا تەۋە يۈرۈكۈم جېنىم
پەقەت سەنلا ئارزۇ ئارمىنىم
ئەمدى ئايرىلمايلى بولامدۇ
ئازابلىق كۈنلەر قالسا بولارمۇ
بىزگە بەختلەر نېسىپ بولارمۇ
لەيلى بىلەن مەجنۇنى قېنى
تاھىرنىڭ ھەم زۆھرەسى قېنى
مەنمۇ ھەم سۆيىمەن سېنى
مۇھەببەتنىڭ تەقدىر قىسمىتى
كۈتۈشنىڭ ھەم يامان ھەسرىتى
چىن مۇھەببەتنىڭ بولماس سىنىقى
ھاياتىمدا بىر سەنلا مېنىڭ
سەن بولمىساڭ ئاقار ياش قىنىم
چىدىمايدۇ سەنسىز بۇ جېنىم
چىن مۇھەببەت ئوتىدا يانسۇن
سۆيۈشلىرىڭ دىلىمدا قالسۇن
ۋاز كېچىشلەر ئەمدى بولمىسۇن
سەنلا بولساڭ خۇشال بۇ كۈنۈم
ساڭا تەۋە يۈرۈكۈم جېنىم
پەقەت سەنلا ئارزۇ ئارمىنىم
ئەمدى ئايرىلمايلى بولامدۇ
ئازابلىق كۈنلەر قالسا بولارمۇ
بىزگە بەختلەر نېسىپ بولارمۇ
لەيلى بىلەن مەجنۇنى قېنى
تاھىرنىڭ ھەم زۆھرەسى قېنى
مەنمۇ ھەم سۆيىمەن سېنى
مەنمۇ ھەم سۆيىمەن سېنى
music