作词 : Ruztohti-Tursun
作曲 : Ruztohti-Tursun
编曲 : 独家签约艺人Music
رۇزتوختى تۇرسۇن
جۇدۇن باسقان مىھىرسىز تۈندە،
ئويغا سالدىڭ دەردۇ ئەلەمگە.
كەتتى باھار سۆيگۈم ھەسرەتتە،
بىلمەي قەستەن يۈردۈڭ بىخەۋەر.
نەگە بارسام ئايدەك جامالىڭ،
كۈلۈپ تۇرار ئاھۇ كۆزلەرىڭ.
يوقمۇ گۈلۈم شىرىن سۆزلەرىڭ،
كۆيدۈم ساڭا كۆيسەم بىخەۋەر.
سىنىڭ دەردىڭ مىنىڭمۇ دەردىم،
چىن سۆيگۈمنى ساڭىلا بەردىم.
شامال بۇلۇپ يىراقتىن كەلسەم،
پەرۋا قىلماي كەتتىڭ بىخەۋەر.