作词 : Telak说唱-SarGardan
作曲 : 无
تاغ باغرىدا كېتىپ باراتتى موماي نەۋرىسىنى يېتىلەپ
老奶奶牵着孙子走山路
سەپىرى بوۋاينىڭ يېنىغا بېرىش بوۋاينى يوقلاپ كېلەيلى دەپ
想去看看老爷爷住的怎样
موماي ئاخىرى كۈلۈمسىرىدى ، بوۋاينىڭ قەبرىسىنى تاپقانىدى
老奶奶终于找到了那座坟墓
يازما كېلىپ قالدى ، قەبرە ئۈستىنى چىرايلىق گۈللەر ياپقان ئىدى .
坟墓周围早已鲜花盛开
سىلىدى توختىماي ، قەبرە تېشىنى بوۋاي تۇيۇقسىز يادىغا كېلىپ
她不停的抚摸着墓碑
تۇرۇپلا قالدى موماي تۇيۇقسىز قەبرە ئالدىدا ئېسىنى بىلىپ
老奶奶看着坟墓发呆
چۈنكى بوۋىيى بولسا ئۇنىڭ 60 يىللىق ھەمراھى ئىدى
因为眼前的人是她60年的伴侣
ئىككى يىل ئىلگىرى بىر ئاخشىمى بوۋاي دۇنيادىن كەتكەن ئىدى
两年前的某一个晚上他永远离开了她
شۇ كۈندىن باشلاپ موماي كۆزىدىن ئاچچىق ياشلار قۇرىمىدى
那一天起老奶奶便伤心欲绝
كۈنلىرى يالغۇز غېرىپلىق ئىچىدە كەپىدە يالغۇز قالغانىدى
一人开始了孤独的生活
ئەسلەيىتتى ، توختىماي ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن تىنچ بەختلىك كۈنلىرىنى
经常回忆以前跟老爷爷度过的日子
ھەمراھى يېنىدا ئويلىغان تىنىمسىز تىرىكچىلىكنىڭ يوللىرىنى
想起他们两一起走过的路
نەۋرىسى سورايتتى مومايدىن گاھىدا بوۋام قەيەرگە كەتتى
孙子问起爷爷到底去了哪儿
بېشىنى سىلايتتى ، مۇلايىم ھالدا گۈزەل بىر جايغا دەيتتى
她便回答说一个美丽的地方
ھايات ۋاقتىدا ھەمراھى ، ئىلگىرى ئۇنى دائىملا قوللايتتى
生前他们过得很和睦
سۈرەتكە قارايتتى بوۋاينى ئەسلەپ ، يېنىدا بولۇشنى ئويلايتتى
翻起相册不停地思念
سېغىنىشنىڭ ئۆزى بىر مۇھەببەت
思念即爱情
سادىقلىقنىڭ ئۆزى بىر بەخت
忠诚即幸福
كۈتىشنىڭ ئۆزى بىر ئەقىدە
等待是信念
كۆيدۈرگەن يۈرەك قالدى
留下了无尽的回忆
ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارى بولسا خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەن
他们的青春在欢乐中度过。
دۇنيانىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدىن كەتكەن
世间的悲愤早已远离他们
چۈشىنىش تەل ئىدى ، سېغىنىش دەل ئۆز ئارا قەدرىگە يەتكەن
他们彼此理解珍惜
ياشلىق باھارى تەلپۈنۈش ئوتىدا مۇھەببەت ئىچىگە چۆككەن
他们的青春在甜蜜中度过
تۇرمۇش ئاددىي بىر ئېغىز ئۆيدىلا سەل جاپالىق كۆرۈنەتتى
尽管生活简单落魄
ئەمما ئۇلارغا كۈنلىرى مەنىلىك ، خۇشال خۇرامدەك بىلىنەتتى
但他们过得充实美满
ئوۋغا چىققان شۇ كۈنلەردىمۇ بىر بىرىنى تولىمۇ سېغىناتتى
哪怕有人不在家他们也彼此想念
كېرەكلىك نەرسىلەر تېپىلىپ ئۇلارغا ئەمگەك مېۋىسىدىن سۆيۈنەتتى
他们勤劳,享受成果
كۈنلەر ئۆتتى بىر بىرىگە ئولىشىپ يىللار قېرىتتى ئۇلارنى
一天天时间使他们变老
چاچلىرى ئاقاردى بەللىرى مۈكچىيىپ ئۆتكۈزدى جاپالىق يىللارنى
即使头发发白,挺不起腰
كېرىكى ئۇلارغا پەقەتلا بىر بىرى قوغلاشمايتتى تىللارنى
他们只需彼此不求富贵
ھاياتنىڭ ئاچچىقى يوقىتالمايتتى بىر جۈپ ئوت يۈرەك دىللارنى
生活的艰难抹不掉他们的爱情
موماي قەبرىگە ئۇزۇن قارىدى ، ئاخىرى ئۆيگە قايتتى
奶奶望着坟墓渐渐回头离开
ئۆيگە كىرگەن ، شۇ مىنۇتتا بوۋاي كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتتى
回到家的那一刻她似乎看到了老伴儿
موماينىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم بار ئىدى ئىشىكنى مەھكەم ئەتكەن ئىدى
奶奶微笑着关闭了她的大门
كۆزىنى يۇمدى تىپتىنچ ھالدا بوۋاينىڭ يېنىغا كەتكەن ئىدى
....
歌词奉献者:yusupjan