ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن
چىرايلىقسەن ياسانمىساڭمۇ
ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن
چىرايلىقسەن ياسانمىساڭمۇ
ئالتۇن دەيمەن زىلۋا بويۇڭنى
ئالتۇن زەنجىر ئاسالمىساڭمۇ
ئالتۇن دەيمەن زىلۋا بويۇڭنى
ئالتۇن زەنجىر ئاسالمىساڭمۇ
بۇ دۇنيادا قىز بالا زاتىدىن
نەدە سەندەك چىرايلىقى بار
بۇ دۇنيادا قىز بالا زاتىدىن
نەدە سەندەك چىرايلىقى بار
ئەتىر چېچىپ ئاۋارە بولما
چاچمىساڭمۇ خوشبۇيلۇقۇڭ بار
ئەتىر چېچىپ ئاۋارە بولما
چاچمىساڭمۇ خوشبۇيلۇقۇڭ بار
كېچەلەردە ئاي بولمىسا
كېلىۋەرگىن ئۆزۈڭ بىرئاي سەن
كېچەلەردە ئاي بولمىسا
كېلىۋەرگىن ئۆزۈڭ بىرئاي سەن
ئاددىي ياشاش ئېسىل خىسلەتتۇر
كۆرمىگەننىڭ كۆرۈلمىگى بار
ئاددىي ياشاش ئېسىل خىسلەتتۇر
كۆرمىگەننىڭ كۆرۈلمىگى بار
كۆرمىگەننىڭ كۆرۈلمىگى بار