作词 : 维吾尔族民歌
作曲 : 艾尔肯-Erkin Abdulla
编曲 : 艾尔肯-Erkin Abdulla
دوست
مۇزىكىسى: ئەركىن ئابدۇللا
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: ئەركىن ئابدۇللا
دوست دىگەنلەر پىچاق سالدى كۆرۈپ قويدۇم
نۇرغۇن دەرتنى يۈرەگىمگە سېلىپ قويدۇم
دوست دىگەنلەر پىچاق سالدى كۆرۈپ قويدۇم
نۇرغۇن دەرتنى يۈرەگىمگە سېلىپ قويدۇم
ئەلەم بىلەن كۆزلىرىمدىن ياش ئاققاندا
كىملەر دوستۇم، كىملەر دۈشمەن بىلىپ قويدۇم
ئەلەم بىلەن كۆزلىرىمدىن ياش ئاققاندا
كىملەر دوستۇم، كىملەر دۈشمەن بىلىپ قويدۇم
ئالدىسىمۇ مەن ئالدىماي يۈرگەنلىرىم
خىجىل قىلماي بىلمەس بولۇپ يۈرۈپ قويدۇم
يۈرەگىمگە پىچاق ئۇرغان بىراۋغىمۇ
ئۇچراشقاندا ئەھۋال سوراپ كۈلۈپ قويدۇم
مەندىن يىراق يۈرمەك بولغان كىشىلەردىن
پۇتلاشماي دەپ ئالاقەمنى ئۈزۈپ قويدۇم
نامەرتلەرگە بويۇن قىسىپ ئىگىلگىچە
شىردەك ياشاش پىلانىمنى تۈزۈپ قويدۇم
مەندىن يىراق يۈرمەك بولغان كىشىلەردىن
پۇتلاشماي دەپ ئالاقەمنى ئۈزۈپ قويدۇم
نامەرتلەرگە بويۇن قىسىپ ئىگىلگىچە
شىردەك ياشاش پىلانىمنى تۈزۈپ قويدۇم
شىردەك ياشاش پىلانىمنى تۈزۈپ قويدۇم