作词 : Muratjan Muhtar Nail
作曲 : Perhat Gheni
编曲 : Perhat Gheni
يېڭى يىل
سۆزى مۇراتجان مۇختەر نائىل
ئۈنۈملىگۈچى ئەلىجان ئاقسوپا
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
يىل ئاتلىدۇق مانا دوست
قەدەم بولسۇن يېڭىچە
يېقىلغانلار دەست تۇرۇپ
ئۈمۈد يانسۇن باشقىچە
يىل ئاتلىدۇق مانا دوست
قەدەم بولسۇن يېڭىچە
يېقىلغانلار دەست تۇرۇپ
ئۈمۈد يانسۇن باشقىچە
يىراق بولسۇن كۆزدە ياش
مېھىر بېرىڭ قېرىنداش
يېڭى يىلدا جەم بولۇپ
بىرگە بولسۇن قېرى – ياش
كۈلكە كۆرسۇن گۈل يۈزلەر
شاد يايرىسۇن كۆڭۈللەر
خاتىرجەملىك بىزلەرگە
بىرگە بولسۇن مەڭگۈگە
يېڭى يىلدا يېڭى يىلدا
قەدەم بولسۇن يېڭىچە
يېڭى يىلدا يۈرەكلەردە
ئۈمۈد يانسۇن باشقىچە
مۇزىكا
باغرى ئاتەش دىللاردىن
ياخشى تىلەك تىللاردىن
يېڭى يىلدا يېڭىچە
گۈللەر ئۈنسۇن يوللاردىن
باغرى ئاتەش دىللاردىن
ياخشى تىلەك تىللاردىن
يېڭى يىلدا يېڭىچە
گۈللەر ئۈنسۇن يوللاردىن
يىراق بولسۇن كۆزدە ياش
مېھىر بېرىڭ قېرىنداش
يېڭى يىلدا جەم بولۇپ
بىرگە بولسۇن قېرى – ياش
كۈلكە كۆرسۇن گۈل يۈزلەر
شاد يايرىسۇن كۆڭۈللەر
خاتىرجەملىك بىزلەرگە
بىرگە بولسۇن مەڭگۈگە
يېڭى يىلدا يېڭى يىلدا
قەدەم بولسۇن يېڭىچە
يېڭى يىلدا يۈرەكلەردە
ئۈمۈد يانسۇن باشقىچە