作词 : Kurbanjan-Abdurahman
作曲 : Kurbanjan-Abdurahman
ئېسىللىرىم ئاتا-ئانام
ناخشىدا: قۇربانجان ئابدۇراخمان
♪
ئانا دېسەم ئايدەك ئېسىل
پېقىر دادام بايدەك ئېسىل
ئانا دېسەم ئايدەك ئېسىل
پېقىر دادام بايدەك ئېسىل
دۇنيا يىغماي دۇنيانى سۆيدى
خىسلىتىدىن ئالەم خىجىل
دۇنيا يىغماي، دۇنيانى سۆيدى
خىسلىتىدىن ئالەم خىجىل
♪
بار ئاتامنىڭ ئاي ئورغىقى
بىلى يادۇر، بىزلەر ئوقى
جاندىن نىشان، جەڭدىن نىشان
جان ئانامنىڭ بىر تولغىقى
جاندىن نىشان، جەڭدىن نىشان
جان ئانامنىڭ بىر تولغىقى
♪
ئاتا ـ ئانام بەكمۇ ئېسىل
ئېسىللاردىن قالۇر نەسىل
بەرگەچ ئىشەنچ، سۆيگۈ ئەقىل
چىن مۇرادىم بولۇر ھاسىل
بەرگەچ ئىشەنچ، سۆيگۈ ئەقىل
چىن مۇرادىم بولۇر ھاسىل
♪
ئانام ئايدەك ھىلال تۇرسا
ئاتام كۈنگە مىسال تۇرسا
ئانام ئايدەك ھىلال تۇرسا
ئاتام كۈنگە مىسال تۇرسا
قىزىل گۈلدەك ئېچىلمامدىم
ئۇلار بەختىم بەرىق ئۇرسا
قىزىل گۈلدەك ئېچىلمامدىم
ئۇلار بەختىم بەرىق ئۇرسا
♪
يۈرۈكۈم ئاتا-ئانام
ئېسىللىرىم ئاتا-ئانام
بۇ ناخشىنى مېھرىبان ئاتا-ئانامغا تەقدىم قىلدىم