گۈلۈمGülüm
Music product:AIN
كەچ كۈزنىڭ ئاسمىنىدىن چۈشتى يۇلتۇزلار تارام-تارام
سان-ساناقسىز تۈنلەر ئۆتتى ئۇيقىسىز ئارام ئارام
يەنە بارمىدۇر مۇشۇنداق كۈندە-كۈندە بىئارام
يېرىلماقتا پۈتمىگەن جاراھەت باغرىمدا يارام
سەنسىز خۇشال كۈلمەيمەن
كېچىدە يۇلتۇز سانايمەن
ئۇيقىغا يېقىن كەلمەيمەن
مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتكىنىدە يۈزىڭدىن
سىم سىم يامغۇر سىرغىپ چۈشسە
مەڭزىڭ بويلاپ لېۋىڭدىن
جىنىم سېنى ئۇنىتالمايمەن،شۇ كۈننى ئۇنىتالمايمەن
كېچىدە سېنى ئەسلەيمەن گۈلۈم سېنى ئويلايمەن
مەجنۇنتاللار سۇ ئىچمەككە گەۋدە ئەگسە
بېرىپ قولۇم تەگسە،سېنى ئويلايمەن
گۈلۈم سېنى ئەسلەيمەن
مەن سېنى ھېچ كىمگە بەرمەيمەن
ھېچ كىمگە بەرمەيمەن
كەچ كۈزنىڭ ئاسمىنىدىن چۈشتى يۇلتۇزلار تارام-تارام
سان-ساناقسىز تۈنلەر ئۆتتى ئۇيقىسىز ئارام ئارام
يەنە بارمىدۇر مۇشۇنداق كۈندە-كۈندە بىئارام
يېرىلماقتا پۈتمىگەن جاراھەت باغرىمدا يارام
كۆزۈم نۇرى يوق،كۆزۈمنىڭ نۇرى يوق
بىچارە يالغۇز قالدىم مەن سۆيۈملۈكۈممۇ يوق
ئۆزۈمنىڭ گۈلى يوق،ئۆزۈمنىڭ گۈلى يوق
بىچارە يالغۇز قالدىم مەن سۆيۈلۈكۈممۇ يوق