编曲 : Abdulla Bekri
سالام مەندىن
يۈسۈپ بېگىم مەندىن سالام نامى گۈل ھەسەل ئايىمگە
ئۆزى خۇشخۇي بويى زىلۋا گۈزەل خۇلقى مۇلايىمگە
يۈگرەپ چىقسام سىز كۆرمىدىڭىز نېگەر كۆزىڭىزگە ئىلمىدىڭىز
چارچاپ كەتسەم سىز بىلمىدىڭىز تاشلار پاتتى ئاياغىمگە
ئېسىل مەخمەلدۇر چادىرىڭىز ئېسىمدىن كەتمەس خاتىرىڭىز
ئالدىڭىزدا بولسام چاكىرىڭىز قامچام تەگسۇن ساچ باغىمگە
زۆھرە كېلور يەنە يەنە خاللارى بار دانە دانە
خا ئاشنا بولۇپ خا يىگانە بار تاپشۇردۇم ئىرادەمگە
ئاۋىلى دوس بولۇرسىز ئاخىرى سۇس بولۇرسىز
ئەگەر سۆيسەم مەس بولۇرسىز لېۋىم تەگسۇن دىماغىڭگە
يۈگرەپ چىقسام سىز كۆرمىدىڭىز نېگەر كۆزىڭىزگە ئىلمىدىڭىز
چارچاپ كەتسەم سىز بىلمىدىڭىز تاشلار پاتتى ئاياغىمگە
زۆھرە كېلور يەنە يەنە خاللارى بار دانە دانە
خا ئاشنا بولۇپ خا يىگانە بار تاپشۇردۇم ئىرادەمگە