作词 : yusup ablat
作曲 : yusup ablat
编曲 : 无
يالغۇز كىشلىك ئولتۇرۇش
چېيى يوق پىيالە بولسىلا يىتەر
مەن ئۇنى قەدەھ دەپ خىيال قىلسام بەس
سىردىشىم شۇ دەمدە غېرىپ تۆت تامدۇر .
دۇتتارنىڭ ئۈنىدە قەلبىم بولار ئەمەس .
سازىمنى چالىمەن ئېھتىيات بىلەن .
قوشنىلار سەزمەستىن ئاڭلىغاي ئۇنى .
ھەممىنى ئال دۇنيا ساڭىلا بېرەي .
قىزغىناي مۇڭ باسقان غېرىپ كۆيۈمدىن .
ساز ماڭا جاناندۇر مەيدۇر كەيىپتۇر .
يالغۇز قوي ئەي ئىنسان مەندىن يىراقتۇر .
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق .
ئاشىقلىق شۇ ئىرور ياكى پۇراقتۇر
مۇزىكا
ئۆلپەتكە مۇھتاجمەن ئىنسانغا ئەمەس .
مەن بىلەن مۇڭداشقىن دىلكەش دۇتتارىم .
ئۇنتۇپ كېتەرمەن دۇنيانى تامام .
يالغۇزمۇڭ ئۈنىدە يوقتۇر ئازابىم
ساز ماڭا مېھماندۇر ، مەن سازغا مېھمان .
تەرىپلەش يا ئالقىش ھېچ ھاجەت ئەمەس .
مال دۇنيا شان شۆھرەتكە قۇل بولما كۆڭلۈم .
ھاياتنىڭ ئوڭ سۇلى ئۇنىڭدا ئەمەس .
ساز ماڭا جاناندۇر مەيدۇر كەيىپتۇر .
يالغۇز قوي ئەي ئىنسان مەندىن يىراقتۇر .
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق .
ئاشىقلىق شۇ ئىرور ياكى پۇراقتۇر
ساز ماڭا جاناندۇر مەيدۇر كەيىپتۇر .
يالغۇز قوي ئەي ئىنسان مەندىن يىراقتۇر .
غەم ھەسرەت دەرت ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق .
ئاشىقلىق شۇ ئىرور ياكى پۇراقتۇر
ئاشىقلىق شۇ ئىرور ياكى پۇراقتۇر