作词 : Mutalipjan Kawul
作曲 : Ghulamjan Yakup
编曲 : Tursunjan Ebrayim
ياش تۆكمەيدۇ گۈللەرگە قاراپ
مۇڭلانمايدۇ يارىنى ئويلاپ
ئاھ ئۇرمايدۇ ئەلەمدە زارلاپ
ئۆز يارىدىن ئايرىلمىغانلار
باغچىلاردا يۈرمەيدۇ تەنھا
تار كۆرۈنمەس كۆزىگە دۇنيا
باغچىلاردا يۈرمەيدۇ تەنھا
تار كۆرۈنمەس كۆزىگە دۇنيا
قايغۇ نىمە بىلمەيدۇ ئەسلا
ئۆز يارىدىن ئايرىلمىغانلار
قايغۇ نىمە بىلمەيدۇ ئەسلا
ئۆزيارىدىن ئايرىلمىغانلار
ھىجران كېلىپ باغاشلاپ سۆيمەس
جۇدالىقتا شام بولۇپ كۆيمەس
ھىجران كېلىپ باغاشلاپ سۆيمەس
جۇدالىقتا شام بولۇپ كۆيمەس
يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى بىلمەس
ئۆز يارىدىن ئايرىلمىغانلار
يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى بىلمەس
ئۆز يارىدىن ئايرىلمىغانلار
ئۆز يارىدىن ئايرىلمىغانلار