作词 : 丨丶MiRaS/Ruzi
作曲 : 丨丶MiRaS/Ruzi
ئولتۇردۇم ئۇزاقلارغىچە،
سەن ئازاپلانغان بۇ كېچە .
يىغلىدىڭ ھەسرەتلىنىپ شۇنچە،
ئسسىق ياشلار ئېلىپ قارا كۆزۈڭگە .
ياشلىرىڭنى سۈرتۈپ ئاستاغىنە،
بىۋاپالىق قىلدى دېدىڭ سۆيگۈڭگە .
بۇ كېچە ئۇنىڭغا ،
نەپرەتلەنسەڭمۇ قانچە،
بىلىمەن ئۇنتالمايسەن ئۇنى يەنە.
سەن يۈرۈيسەن يېتەلمەي ئۇنىڭ ۋەسلىگە،
ئۇ يۈرەر كۆڭۈل بېرىپ ئۆزگىگە .
بېشىڭنى قويۇپ مۆرەمگە،
يىغلىۋالغىن قانغۇچە،
ئازاپلىرىڭ ئۇنتۇلسۇن بۇ كېچە .
سەن يۈرۈيسەن چەكسىز ئازاپلار ئىچىدە ،
ئۇ يۈرەر كۆڭۈل بېرىپ ئۆزگىگە .
بېشىڭنى قويۇپ مۆرەمگە،
يىغلىۋالغىن قانغۇچە،
ئازاپلىرىڭ ئۇنتۇلسۇن بۇ كېچە
ئازاپلىرىڭ ئۇنتۇلسۇن بۇ كېچە