编曲 : Muratjan Muhter
ئەللەر سىنى يامان دىسىمۇ
يامان دىگۈم كەلمەيدۇ مىنىڭ
بىر تال ئالما تاپساممۇ شۇڭا
سەنسىز يىگۈم كەلمەيدۇ مىنىڭ
ئەللەر سەندىن سەزگەن ئېۋەنلەر
كۆرۈنمەيدۇ مىنىڭ كۆزۈمگە
بۇنىڭ ئۆزى مۇھاببەت دىسەم
بارچە ھەيران قالدى سۆزۈمگە
چىرايلىقلار چىرايلىق ئەمەس
ھەر كىم كۆڭلى سۆيگەن چىرايلىق
مىنىڭ ئۈچۈن گۈلىستان شۇڭا
سەن كۆرۈنگەن جاڭگال قورايلىق