作词 : AiR
作曲 : AiR
بىز كەلدۇق
ئوخخوي بالىلار كەپتۇ
مەرھا بالىلىرىم تاماق پىشتى
خوراز چىللاپ سەھەردە
ھەممىمىزنى ئويغاتتى
ھەممىمىزنى ئويغاتتى
دادام ئاپام مېھرىبان
بەكمۇ ياخشى مىجەزى بەكمۇ ياخشى مىجەزى
بىز بەختىيار ئائىلە
بالىلارنىڭ ئاپىسى قايماق چايغا بەك ئۇستا
ھەممىدىن بەك ئوخشايدۇ
ئەلۋەتتە ئوخشايدۇ
بالىلارنىڭ دادىسى گويا چىۋەر باغۋەندەك
ھەممىمىزگە يارايدۇ
ئەلۋەتتە يارايدۇ
بىز شادىمان ئائىلە
دادام ئۆزى تاغدەك ئاچچىقى يامان
ئاپام كوت كوت ئەمما مېھرىبان
دادام ئاپام يوق چاغدا
ئۆينى قىلىمىز راسا مالىمان
ھەي مۇشۇ كەپسىز بالىلارنى زە
ئوماق قىزىم شادىيە
كەپسىز ئوغلۇم ئىلغارجان
سوقۇشۇپلا يۈرۈيدۇ پېتىشالماي ھەر كۈنى
پېتىشالماي ھەر كۈنى
ئارسلانمۇ قېلىشماس
ئىش تېرىپلا يۈرۈيدۇ
ھامان ئەقىل تاپىدۇ
چوڭ بولىدۇ بىر كۈنى
چوڭ بولىدۇ بىر كۈنى
ھامان ئەقىل تاپىدۇ
چوڭ بولىدۇ بىر كۈنى
چوڭ بولىدۇ بىر كۈنى
بىز بەختىيار ئائىلە