دۇتتارىمدا تارە يوق ،
كۈيلىرگە چالالمايمەن .
يېڭى يارنىڭ دەستىدىن ،
تويلارغا بارالمايمەن .
قاشلىرى قەلەم قەلەم ،
ساچلىرى تارەم تارەم ھەي .
يار ۋەسلىگە يىتەلمەي ،
يۈرەكىمدە دەرت ئەلەم .
دۇتتارىمدا تارە يوق ،
كۆيگەن ئوتقا چارە يوق .
دەردى بارلار يىغلايدىكەن ،
دەردى يوقنىڭ كارى يوق .
قاشلىرى قەلەم قەلەم ،
ساچلىرى تارەم تارەم ھەي .
يار ۋەسلىگە يىتەلمەي ،
يۈرەكىمدە دەرت ئەلەم .
دۇتتارنى ئۆزەم ئەتكەن ،
يېرلىپ كەتسە يەملەيمەن .
كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەڭ ،
ئەمدى كەتسەم كەلمەيمەن .
قاشلىرى قەلەم قەلەم ،
ساچلىرى تارەم تارەم ھەي .
/يار ۋەسلىگە يىتەلمەي ،
يۈرەكىمدە دەرت ئەلەم .
قاشلىرى قەلەم قەلەم ،