作词 : Nasuha Emin
作曲 : Sanubar Tursun
编曲 : Sanubar Tursun
قالدى
تېكىستى : ناسۇھا ئىمىن
مۇزىكىسى : سەنۇبەر تۇرسۇن
مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلەر،قىزىل گۈلدەك باغلار قالدى،
ئېگىز-ئېگىز خۇش چىرايلىق،ياقۇت تاشلىق تاغلار قالدى.
بۇغا،مارال پادا-پادا ئوتلاپ يۈرگەن سايلار قالدى،
تاغ باغرىدا سەكرەپ ئويناپ،بوتلاق،ئوغلاق،تايلار قالدى.
سۇ بويىدا شىلدىرلىشىپ،تازىم قىلىپ باش ئېگىشىپ،
مەن ماڭغاندا ئۇزۇتۇشۇپ،لەيلى مەجنۇنتاللار قالدى.
چۇرۇق-چۇرۇق ئويناۋاتقان،شىلدىر-شىلدىر بويلاۋاتقان،
ئاق كۆمۈشتەك چاقناۋاتقان، بالدىن تاتلىق سۇلار قالدى.
جىم-جىم كوچا،ئايدىڭ كېچە،بۇلاق بويلاپ باغچە-باغچە،
يۇلتۇز ساناپ تاڭ ئاتقىچە،ئويناپ-كۈلگەن جايلار قالدى.