编曲 : Halipjan-Musa
تېكىستنى يازغۇچى:ئابدۇسەمى ئەخمەت
سۈرىتىمنى ئەۋەتىپسەن يار
جۈپ كەلگىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ
سۈرىتىمنى ئەۋەتىپسەن يار
جۈپ كەلگىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ
نېمىشقىمۇ ئەۋەتكەنسەن يار
ئۆتكەن ئىشنى ئېسىمگە سېلىپ
نېمىشقىمۇ ئەۋەتكەنسەن يار
ئۆتكەن ئىشنى ئېسىمگە سېلىپ
بىر چاغلاردا چۈشكەن ئىدۇق ، بىللە
گۈزەل ياشلىق پەيزىنى سۈرۈپ
بىر چاغلاردا چۈشكەن ئىدۇق ، بىللە
گۈزەل ياشلىق پەيزىنى سۈرۈپ
چىن سۆيگۈگە بولماستىن سادىق
كەتكەن ئىدىڭ يۈزۈڭنى ئۆرۈپ
چىن سۆيگۈگە بولماستىن سادىق
كەتكەن ئىدىڭ ، يۈزۈڭنى ئۆرۈپ
مۇزىكا
ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى
ئارقىسىغا بولماسمۇ ياندۇرۇپ
ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى
ئارقىسىغا بولماسمۇ ياندۇرۇپ
سۈرىتىمنى بەرگىنىڭدەك يار
ياشلىقىمنى بەرگىن قايتۇرۇپ
سۈرىتىمنى بەرگىنىڭدەك يار
ياشلىقىمنى بەرگىن قايتۇرۇپ
سۈرىتىمنى بەرگىنىڭدەك يار
ياشلىقىمنى بەرگىن قايتۇرۇپ