作词 : hasanjan ismayil
作曲 : Mamattursun-Barat
ئۆز دەردىڭگە يىغلايسەن ئۆزۈڭ
بىر ناخشىنىڭ مۇڭىغا پېتىپ
ئۆز دەردىڭگە يىغلايسەن ئۆزۈڭ
بىر ناخشىنىڭ مۇڭىغا پېتىپ
ئازاپلارنى قەلبىڭگە يۈتۈپ
بۇ ھاياتنىڭ دەردىنى تېتىپ
ئازاپلارنى قەلبىڭگە يۈتۈپ
بۇ ھاياتنىڭ دەردىنى تېتىپ
پېتىپ كەتتى ئاچچىق سۆڭەككە
دەرتنى ئالدىم ناخشامغا قېتىپ
ھەسرىتىمدە يالغۇز مۇڭلاندىم
تاڭ ئاتمىدى ئازاپتا يېتىپ
ھەسرىتىمدە يالغۇز مۇڭلاندىم
تاڭ ئاتمىدى ئازاپتا يېتىپ
مەن دۇنيانى چۈشەنمىدىممۇ
ياكى دۇنيا بىلمىدى مېنى
سۆيەي دېسەم شاتلىق، بەختىمنى
غەم، قايغۇلار كۈنلىدى مېنى
سۆيەي دېسەم شاتلىق، بەختىمنى
غەم، قايغۇلار كۈنلىدى مېنى
كۈلەي دېگەن تەلەي، بەختىمگە
توساق بولدى ئامىتىمگە كىم
توساق بولدى ئامىتىمگە كىم
بەخت ئەمەس ئازاب كۈتكەندۇ
قارغىش تىلەپ بىرلىرى بەلكىم
ھەممە يۈرەر ئۆز ئىشى بىلەن
كىملەر بىلەر كىمنىڭ دەردىنى
بىرى يىغلاپ بىرى كۈلىدۇ
ئوخشاش ئەمەس تەقدىر بەرگىنى
بىرى يىغلاپ بىرى كۈلىدۇ
ئوخشاش ئەمەس تەقدىر بەرگىنى
كىملەر بىلەر كىمنىڭ دەردىنى