作词 : Ablajan AbdirxiT
作曲 : Ablajan AbdirxiT
编曲 : Ablajan AbdirxiT
ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكى دادام،
ئۆمرىمىزنىڭ خوۋلۇقى دادام.
ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكى دادام،
ئۆمرىمىزنىڭ خوۋلۇقى دادام.
ئۆمۈر مەنزىل پايانى ئارا،
يولىمىزنىڭ يورۇقى دادام.
ئۆمۈر مەنزىل پايانى ئارا،
يولىمىزنىڭ يورۇقى دادام.
ۋوي دادام ۋوي دادام،
ۋوي دادام ۋوي دادام.
تۇرمۇش دېدىڭ جاپادا قالدىڭ،
بالام دېدىڭ مۈرەڭگە ئالدىڭ.
تۇرمۇش دېدىڭ جاپادا قالدىڭ،
بالام دېدىڭ مۈرەڭگە ئالدىڭ.
ئۆزەڭ يېمەي بالامغا دېدىڭ،
باغرى ئاتەش ئاسمانىم دادام.
ئۆزەڭ يېمەي بالامغا دېدىڭ،
باغرى ئاتەش ئاسمانىم دادام.
ۋوي دادام ۋوي دادام،
ۋوي دادام ۋوي دادام.
شاتلىقىمغا دەرمانىم دادام،
ۋاپا رىشتى ئارمانىم دادا.
شاتلىقىمغا دەرمانىم دادام،
ۋاپا رىشتى ئارمانىم دادا.
ئەل قاتارى قۇتلۇق ئىزلىرى،
شىجائەتلىك كارۋانىم دادام.
ئەل قاتارى قۇتلۇق ئىزلىرى،
شىجائەتلىك كارۋانىم دادام.
ۋوي دادام ۋوي دادام،
ۋوي دادام ۋوي دادام.
ئوتلۇق مېھرى ھاياتقا ھېكمەت،
ئوتىمىزدا پەرۋانە دادام.
ئوتلۇق مېھرى ھاياتقا ھېكمەت،
ئوتىمىزدا پەرۋانە دادام.
ئەجىر مېھنەت بەركىتى چەكسىز،
جاپالاردا مەردانە دادام.
ئەجىر مېھنەت بەركىتى چەكسىز،
جاپالاردا مەردانە دادام.
ۋوي دادام ۋوي دادام،
ۋوي دادام ۋوي دادام.