作词 : 买买提·斯玛依
作曲 : 买买提·斯玛依
كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ سىزنىڭ سىمايىڭىز .
نۇرغۇن قېتىم مېنى دەپ كۆزلىرىڭىزدىن ياش ئاقتۇردىڭىز
جېنىم بالام دەپ مېنى باغرىڭىزغا باسقانلىرىڭىز .
يادىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ
جاپا چەكتىڭىز ئانا X3
يېمىگەننى يېگۈزۈپ كەيمىگەننى كىيگۈزۈپ باققان مېنى جېنىم ئانا .
قۇچىقىڭدا كۆتۈرۈپ ، بىلمىگەننى ئۆگىتىپ باققان مېنى جېنىم ئانا ..
قاپقارا چاچلىرىڭىزغا ئاق كىرىپتۇ .
قۇپ قۇيۇق چاچلىرىڭىزمۇ ئازىيىپتۇ
يىللار ئۆتكەنسېرى يېشىڭىزمۇ تەڭ
يىلدىن يىلغا ئەگىشىپمۇ چوڭىيىپتۇ
جېنىم ئانا قانداق رەھمەت ئېيتاي سىزگە .
كۆپ جاپالارنى سالدىم مەن سىزگە .
تېنىڭىز سالامەت ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن .
ھەربىر كۈنىڭىز خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن .
جاپا چەكتىڭىز ئانا X3