作词 : Crazy monkey/暗影
作曲 : Crazy monkey/暗影
سىنىڭ بىلەن ئۆتكەندە كۆڭۈل
بەكمۇ خوش ئىدىئ
ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ كۆڭۈل
بىر كۈن خۇشال ئۆتمىدى
سىنىڭ بىلەن ئۆتكەندە كۆڭۈل
بەكمۇ خوش ئىدى
ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ كۆڭۈل
بىر كۈن خۇشال ئۆتمىدى
قۇچاق ئاچماس تۇلۇن ئاي
غېرىپ بولدى كونا جاي
مەن بەختىمنى تاپقاندا
تەقدىر بىزنى قوشمىدى
قوشمىدى
بەختىمىزنى كۆرەلمەي
ئايرىۋەتتى يامانلار
ئەمدى قايتا كەلمەيدۇ
ئاشۇ گۈزەل زامانلار
سۆيگۈ گۈلۈم چەيلەندى
قۇرۇق شاققا ئايلاندى
ۋىسال ئۈچۈن تەڭ باسقان
دىلدا قالدى ئارمانلار
ئارمانلار
♪♪♪ Music ♪♪♪
ئايرىلايلى دىگەندە
كۆزۈمدە لىق ياش ئىدى
چۈنكى سىنى جېنىمدەك
كۆرگەنلىرىم راس ئىدى
داغدا قالدى جۈپ كۆزلەر
نەدە قالدى ۋەدىلەر
ئارزۇلىغان ۋىسال ئۇ
بىزگە قۇچاق ئاچمىدى
ئاچمىدى
بەختىمىزنى كۆرەلمەي
ئايرىۋەتتى يامانلار
ئەمدى قايتا كەلمەيدۇ
ئاشۇ گۈزەل زامانلار
سۆيگۈ گۈلۈم چەيلەندى
قۇرۇق شاققا ئايلاندى
ۋىسال ئۈچۈن تەڭ باسقان
دىلدا قالدى ئارمانلار
ئارمانلار