作词 : Yusupjan Keyum
作曲 : Mamtimin Kiram
لالە
ئۆتتى يىللار ئەسلىدىم سېنى
ھىجران بىلەن قىينىدىڭ مېنى
ئۆتتى يىللار ئەسلىدىم سېنى
ھىجران بىلەن قىينىدىڭ مېنى
ئېيتقىنا بىر ئېيتقىنا گۈلۈم
ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر قېنى
ئېيتقىنا بىر ئېيتقىنا گۈلۈم
ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر قېنى
تائەبەد مەن سېنىڭ دېگەنتىڭ
مەنمۇ سېنى مېنىڭ دېگەنتىم
تائەبەد مەن سېنىڭ دېگەنتىڭ
مەنمۇ سېنى مېنىڭ دېگەنتىم
ۋەسلىڭنى دەپ ئېغىر كۈنلەردە
بىلسەڭ نىگار ھايات يۈرگەنتىم
ۋەسلىڭنى دەپ ئېغىر كۈنلەردە
بىلسەڭ نىگار ھايات يۈرگەنتىم
يادىڭدىمۇ ، بىز كۆرۈشكەن چاغ
يادىڭدىمۇ ۋەدىلەشكەن چاغ
يادىڭدىمۇ ، بىز كۆرۈشكەن چاغ
يادىڭدىمۇ ۋەدىلەشكەن چاغ
بۈگۈن نىگار ئايرىلىپ ، سەندىن
بۇ يەلكەمگە ئۆرۈلمەكتە تاغ
بۈگۈن نىگار ئايرىلىپ ، سەندىن
بۇ يەلكەمگە ئۆرۈلمەكتە تاغ
مېنى ئوۋلاپ كەلمەكتە ئەجەل
مەن كېتەرمەن قالار بۇ ئالەم
مەن تىلەيمەن سېنىڭ بەختىڭنى
مەڭگۈلۈككە ئامان بول لالە
مېنى ئوۋلاپ كەلمەكتە ئەجەل
مەن كېتەرمەن قالار بۇ ئالەم
مەن تىلەيمەن سېنىڭ بەختىڭنى
مەڭگۈلۈككە ئامان بول لالە
مەن تىلەيمەن سېنىڭ بەختىڭنى
مەڭگۈلۈككە ئامان بول لالە
مەن كېتەرمەن قالار بۇ ئالەم
مەڭگۈلۈككە ئامان بول لالە
مەن كېتەرمەن قالار بۇ ئالەم
مەڭگۈلۈككە ئامان بول لالە
مەن كېتەرمەن قالار بۇ ئالەم
مەڭگۈلۈككە ئامان بول لالە