作词 : yusupjan musa
作曲 : yusupjan musa
ئاتۇش دېگەن ئوبدان يۇرت يەكشەنبە بازارى بار
يېتىمچىنى قوللايدۇ يەكشەنبە بازار بار
ئەنجۈر ئانار ئۈزۈملەر باغدا ، قىزىرىپ پىشقان
شۇڭا ئەزىز يۇرتۇمنىڭ ئوغۇل قىزلىرى ئىشچان
يۈزىڭىزنى ياقتىڭىز ۋاي چوغىڭىزنى چاچتىڭىز
ئەجەب قىممەت بالا ئىكەنسىز بىزنى تاشلاپ قاچتىڭىز
ئەجەب قىممەت بالا ئىكەنسىز بىزنى تاشلاپ قاچتىڭىز
ئىشىك ئالدىڭىزدا ئۆتكەندە قاراپ قالغان ئۆزىڭىز
مەن سىزگە كۆيۈكمىدىم كۆيدۈرۈۋالغان ئۆزىڭىز
مەن سىزگە كۆيۈكمىدىم كۆيدۈرۈۋالغان ئۆزىڭىز
راۋاپنى تولا چېلىپ بىلىكىم تالدى ۋاي ياراي
بەكمۇ تولا ئويناپ ئايرىدۇق يۈرۈكۈم تىندى ۋاي يارەي
راۋابىمنىڭ تارىسىنى چوقۇۋالدى تۇمۇچۇق
كۈندە كېلىڭ يارىم ئوينايلى سىز چىرايلىق مەن ئوچۇق
تۆت پەدىگە چالمايتتىم تۆت پەدىگە چالمايتتىم
چالدۇرغان مېنىڭ يايرىم چالدۇرغان مېنىڭ يايرىم
راست گېپىڭنى ئېيتساڭچۇ ، راست گېپىڭنى ئېيتساڭچۇ
قىينالدى مېنىڭ بۇ جانىم قىينالدى مېنىڭ بۇ جانىم
ئەي ئەجەب قىينالدىم جانىم
سۇلار ئاقىدۇ سايدا سۇلار ئاقىدۇ سايدا
قارىغاي ئۆتىدۇ باغدا ، قارىغاي ئۆتىدۇ باغدا
ۋاپا قىلمىغان يارغا ، ۋاپا قىلمىغان يارغا
كۆڭۈل بەرسەڭ نېمە پايدا ، كۆڭۈل بەرسەڭ نېمە پايدا
ئەي ئەي كۆڭۈل بەرسەڭ نېمە پايدا