作词 : Keram Abbas
作曲 : Keram Abbas
سۆزى :كېرەم ئابباس
مۇزىكىسى :كېرەم ئابباس
سۆيگۈنۈم
♩ ♩
بۈگۈن
دەردىمنى ئېيتاي بىلگىن
سىنى سۆيدۈم
ئۆمۈرلۈك ناخشام دېدىم
كۆرسەم كۆزلىرىڭگە قارىيالمايتتىم
يۈرەكتىكى سۆزنى ئېيتالمايتىم
لېكىن سىنى يەنە ئىزدەر ئىدىم
سۆيگۈنۈم
بىر سىنى دەپ يانار ئارمانلىرىم
مېنىڭ سۆيگۈنۈم
ئېيتار سۈزۈڭ يوقمۇ ماڭا سېنىڭ
ئەي گۈلۈم
بىر سەن ئۈچۈن ياڭرايدۇ كۈيلىرىم
مېنىڭ سۆيگۈنۈم
بىلگەيسەنمۇ يۈرەك ئازابلىرىم
♩ ♩ ♩
بۈگۈن
دەردىمنى ئېيتاي بىلگىن
كۈيلىرىمنى ئاشىقنىڭ ئەرزى دېگىن
تېڭى ئاتمىغان كېچىلەردە
كۈنى پاتمىغان بۇ كۈندۈزلەردە
ئۆمۈر ئۆتەرمۇ سېنىڭ دەردىڭدە
سۆيگۈنۈم
بىر سىنى دەپ يانار ئارمانلىرىم
مېنىڭ سۆيگۈنۈم
ئېيتار سۈزۈڭ يوقمۇ ماڭا سېنىڭ
ئەي گۈلۈم
بىر سەن ئۈچۈن ياڭرايدۇ كۈيلىرىم
مېنىڭ سۆيگۈنۈم
بىلگەيسەنمۇ يۈرەك ئازابلىرىم
♩ ♩ ♩
سۆيگۈنۈم
بىر سىنى دەپ يانار ئارمانلىرىم
مېنىڭ سۆيگۈنۈم
ئېيتار سۈزۈڭ يوقمۇ ماڭا سېنىڭ
ئەي گۈلۈم
بىر سەن ئۈچۈن ياڭرايدۇ كۈيلىرىم
مېنىڭ سۆيگۈنۈم
بىلگەيسەنمۇ يۈرەك ئازابلىرىم