作词 : Yusupjan keyim
作曲 : Mamtimin
编曲 : Omarjan-Alim
بىۋاپا بالا
ئالىىسەن ئەزىز ئاناڭغا
مۇشۇ ئاتىسەن ئۇلۇغ ئاتاڭغا
جېدەل تېرىپ كۈندە نەچچە رەت
تويغۇزامسەن بالا باققانغا
ئالايلىتىپ مېھرىبان ئاناڭ
كۆز يۇممىغان ئاقارغىچە تاڭ
سېنى كۆتۈرگەن بوينىدا ئاتاڭ
تويغۇزامسەن بالا باققانغا
بولدۇڭ يامان ئەلنىڭ كۆزىدە
ماڭماي پەقەت يولنىڭ تۈزىدە
ئاتا ئاناڭنىڭ يۈرىكى زېدە
تويغۇزامسەن بالا باققانغا
ئوڭشال ئەمدى ھەي نادان ئىنسان
نەپرەتلەنمىسۇن سەندىن يار جاھان
ئاتا ئانىنى يىغلاتقان يامان