قارا قارا قاغىلار قايرىلىپ ئۇچتى
ھويلامدىكى چىنارنىڭ شېخىغا قوندى
خەقنىڭ يارى يىنىدا كۈندە مۇڭداشتى
مىنىڭ يارىم يىراقتا كۆزۈمدىن ئۇچتى
ئېگىز ئېگىز تاغ بېشىدىن سېرىلدىم پەسكە
قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە
مەيلى بىلىڭ مەيلى بىلمەڭ كۆيدۈم مەن سىزگە
ئىشقىڭىزدا كۆيۈپ ئۆلسەم ئۇۋالىم سىزگە
قېشىڭنى قارا قىلما
قالغاچنىڭ قانىتىدەك
كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما
ئوينايمىز بۇرۇنقىدەك