作词 : нæ
作曲 : нæ
编曲 : нæ
ئەسلىمەيدۇ دېمە ھەركۈن يادىمدا سەن
ئىزدىمىسەم رەنجىپ يۈرمە يانىمدا سەن
بىرگېپىم بار ساقلاپ كەلدىم ئىچىمدە
لېكىن دوستۇم يەتتىڭ مېنىڭ ھالىمغا سەن
دوستۇم دىدىڭ دۇنيا يىغلار سۆزدىن يىراق
دوست بولمايدۇ گۈزەل جانان ياكى شاراب
سەن بولمىساڭ مەن قالارمەن يالغۇزسىراپ
مېنىڭ دوستۇم مېنىڭ دوستۇم
غەمگە باشىم ئەگسەم تاغىم بولغان ئۆزۈڭ
يەلكە يىقىپ گەۋدە بولار ئىيتقان سۆزۈڭ
ياخشى بۇلۇپ كىتەر مىنىڭ يىتەر كۆزۈم
ئېغىر كۈندە قەدىرلىگەن ئەڭ يېقىن دوست
قورقما دوستۇم بايلىق- دۇنيا تېپىلار
كۆڭۈل كۈلسە ھەممە ئىشىك ئېچىلار
ياخشى سۆزلەر يۈرەكلەردە تاۋلىنار
مېنىڭ دوستۇم، مېنىڭ دوستۇم
مۇزىكا
ئاغرىق كۈندە قىينالساڭمۇ خىزمەت قىلدىڭ
ھېچكىم بىلمەس دەرتلىرىڭنى ئۆزۈڭ بىلدىڭ
رەھمىسى يوق قىسمىتىڭگە بېقىپ كۈلدۈڭ
فەيىز ئوغلۇڭ يالغۇز ئەمەس جېنىم دوستۇم
دوستۇم دىدىڭ دۇنيا يىغلار سۆزدىن يىراق
دوست بولمايدۇ گۈزەل جانان ياكى شاراب
سەن بولمىساڭ مەن قالارمەن يالغۇزسىراپ
مېنىڭ دوستۇم مېنىڭ دوستۇم
ئەسلىمەيدۇ دېمە ھەركۈن يادىمدا سەن
ئىزدىمىسەم رەنجىپ يۈرمە يانىمدا سەن
بىرگېپىم بار ساقلاپ كەلدىم ئىچىمدە
لېكىن دوستۇم يەتتىڭ مېنىڭ ھالىمغا سەن
دوستۇم دىدىڭ دۇنيا يىغلار سۆزدىن يىراق
دوست بولمايدۇ گۈزەل جانان ياكى شاراب
سەن بولمىساڭ مەن قالارمەن يالغۇزسىراپ
مېنىڭ دوستۇم مېنىڭ دوستۇم
مېنىڭ دوستۇم