作词 : Ablet Esmayil
作曲 : Jurat Osman
ياشلىق ئارمىنى
ياشلىقتا گۈزەل ئارمانلىرىم بار،
يۈرۈگۈمدە ئوت گۈلخانلىرىم بار.
ۋىسال پەيتىدە سەيلە قىلغىلى،
چىرايلىق باغۇ بوستانلىرىم بار
ئارمانلىرىم بار ئارمانلىرىم بار
ئارمانغا لايىق دەرمانلىرىم بار
ئالتۇن چاغلارنىڭ قەدرىگە يەتسەم
ئەجرىمدىن قۇرام تاشقا گۈل چەكسەم
مۇرادىم ھاسىل ھال دەرىت تۆكسەم
چىمەندە لالە رەيھانلىرىم بار
ياشلىقتا گۈزەل ئارمانلىرىم بار،
يېنىمدا يارۇ رەيھانلىرىم بار
مۇقام توۋلاپ خۇش ئاۋازىم بىلەن
كۆڭۈل بولۇپ كۈي سازىم بىلەن
ئۆرلىسەم كۆككە پەرۋازىم بىلەن
پەرۋازغا كەڭرى ئاسمانلىرىم بار