作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
tëkist tehrir:DjaGirKeliQ
جانان دەپ ئاھ ئۇرۇپ يۈرمە
تالاشقان يالىرىڭ قالغاي
جانان دەپ ئاھ ئۇرۇپ يۈرمە
تالاشقان يالىرىڭ قالغاي
مۇشاقەت جەبرىدە سالغان
قەۋەت بىنالىرىڭ قالغاي
مۇشاقەت جەبرىدە سالغان
قەۋەت بىنالىرىڭ قالغاي
♪♪ مــۇزىـكــا ♪♪
ئەجەل سىرلىق ئەقىل يەتمەس
ئۇنىڭ سىھرىنى يەشمەككە
ئەجەپ كاتتا گۈزەل باغۇ
شەھەر سەھرالىرىڭ قالغاي
پۈتۈلسە قىسمىتىڭ بىردىن
دىيىشكە خوش ماجالىڭ يوق
كىتەرسەن داغۇ ھەسرەتتە
ئىجىل ھەمراھلىرىڭ قالغاي.
ئىجىل ھەمراھلىرىڭ قالغاي.
♪♪ مــۇزىـكــا ♪♪
سىنى ئىشقىدا سۆيدۈرگەن
كۈنۇ -تۈن چاپتۇرۇپ ئاتتەك
يىمەي ئىچمەي يىغىپ قويغان
تالاي دۇنيالىرىڭ قالغاي
سىنى شۇنچە سۈيۈندۈرگەن
جامالى گۈلنى لال ئەتكەن
قارا قاشلىق بۇيى زىلۋا
گۈزەل بەرنالىرىڭ قالغاي
♪♪ مــۇزىـكــا ♪♪
ئەجەل سىرلىق ئەقىل يەتمەس
ئۇنىڭ سىھرىنى يەشمەككە
ئەجەپ كاتتا گۈزەل باغۇ
شەھەر سەھرالىرىڭ قالغاي
پۈتۈلسە قىسمىتىڭ بىردىن
دىيىشكە خوش ماجالىڭ يوق
كىتەرسەن داغۇ ھەسرەتتە
ئىجىل ھەمراھلىرىڭ قالغاي.
ئىجىل ھەمراھلىرىڭ قالغاي.