作词 : Erfan-KQ
作曲 : Erfan-KQ
ئېزىلدى بۇ يۈرەك ، بېشىڭنى بۇراپلا كەتكەندە .
بىردىنبىر يار يۆلەك يارامغا تۇزلارنى سەپكەندە .
ئېسىڭدىمۇ قولۇڭنى تۇنجى تۇتقان شۇ چېغىم .
سەن كەتتىڭ ياز كەتتى ئەمدى مەڭگۈ قەھىرىتان مىنىڭ بىغىم.
پەقەتلا چۈشلىرىمدىن ئۇچراتقانتىم سېنى . ئەمەلىيەتتە ئۇچراتتىم ئاشۇ پويىز بېكىتىدە .
شۇنىڭدىن تارتىپ يېشىلدى مۇھەببەتنىڭ سىرى، سۆيگۈ گۈلى ئېچىلدى يۈرىكىمنىڭ ئېتىكىدە.
تۇنجى قېتىم كۆزلىرىڭگە كۆزلىرىم ئۇچراشقاندا ،مۇشتۇمچىلىك يۈرەككە يېقىلدى مەشئەل.
مەكتەپكە بارغاندا يازدىم سۆيگۈ مەكتۇبى ، لېكىن سېنىڭ ئىپادەدەڭدە يىجىنمىدى ئەختەر .
دائىملىق تەبەسسۇم ئېسىلغان چىرايىڭدىن، ماڭا ھەر بىر بېقىلغاندا ئايلاندى نەشتەر .
قوپاللىق سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان سۆزلىرىڭ، ساڭا تالىق بۇ يۈرەككە بەئەينى خەنجەر .
مەن خۇددى باھار ،سەن قەھىرتان،سىنىڭچە ئىككىمىز ئوخشىمىغان كۈشەندە.
سىنىپىڭنىڭ ئالدىدىكى دائىملىق مېھمان، خۇيلىرىڭغا ئاشىق يىگىت ئايلىنىدۇ كۆلەڭگە.
ساڭا يازغان خەتلىرىم ،ساڭا سۇنغان گۈلدەستە جاۋاب خەتنىڭ ئورنىغا يىرتىلدى ياپراق.
تەييارلىق قاياتتى ساڭا تەلمۈرۈش بىلەن ئۆتتى،قايىتتۇق ئۈمۈدۈم كۆرۈشەيلى پاتراق.
چۈشلىرىمدە ئىككىيلەن بەئەينى ئاشىق مەشۇق ، سەن بولساڭ شېرىن ، مەن بولسام پەرھات .
ئازابىمنى نىگارىم ، زىنھار ئاڭلىمىدىڭ بىر سىنى دەپ تولغاندىم ئاھ ئۇردۇم پەرياد .
ئىشىكنى ئاچسام قولۇمدا گۈلدەستە پەقەت ئۈمىدىم قوبۇل قىلغىن لالىنى.
قوللىرىڭ ئۇزىتىلدى لالىگە بەك تەستە مەن سېنى جېنىم بىلىپ ئاتىۋەتكەن بارىنى .
ئىشىكنى ئاچسام قولۇمدا گۈلدەستە پەقەت ئۈمىدىم قوبۇل قىلغىن لالىنى.
قوللىرىڭ ئۇزىتىلدى لالىگە بەك تەستە مەن سېنى جېنىم بىلىپ ئاتىۋەتكەن بارىنى.
قالمىسۇن مۇھەببەتتىن قىلچىلىك پۇشايمان ،دۇنيادىن ئۆتتى كۆپ دەرمانسىز ئاشىقلا.
ياشلىق ئادەمنىڭ ئەڭ باراقسان مەزگىلى ۋىسالىسىز مۇھەببەتتىن سارغايمىسۇن، ياشلىقلار .
قالمىسۇن مۇھەببەتتىن قىلچىلىك پۇشايمان ،دۇنيادىن ئۆتتى كۆپ دەرمانسىز ئاشىقلا.
ياشلىق ئادەمنىڭ ئەڭ باراقسان مەزگىلى ۋىسالىسىز مۇھەببەتتىن سارغايمىسۇن، ياشلىقلار .
ئېزىلدى بۇ يۈرەك ، بېشىڭنى بۇراپلا كەتكەندە .
بىردىنبىر يار يۆلەك يارامغا تۇزلارنى سەپكەندە .
ئېسىڭدىمۇ قولۇڭنى تۇنجى تۇتقان شۇ چېغىم .
سەن كەتتىڭ ياز كەتتى ئەمدى مەڭگۈ قەھىرىتان مىنىڭ بىغىم
كىرەتتىڭ چۈشلىرىمگە لايىقىمغا ئايلىنىپ، چارىباغتا تەڭ ئۈزەتتۇق سېھىرلىك ئالىمىنى.
مەن كەبى ئوۋچى ، سەن بولساڭ كىيىك شۇنچە ئورۇندۇم بىراق سالغۇزمىدىڭ سالمىنى .
سەندىكى يۈرەك تاشتىنمۇ قاتتىق، بەرسەم مۇھەببەت ئايلانمىدىڭ ئوتقاشقا. كەينىڭدە يۈردۈم غورومنىڭ ھەققى دەپ ساڭا ياقمىدىم ھەمدە ياراتمىدى قۇرداشلا.
جانىم پىدا دەپ يازدىم ناخشىلار سېنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭ ياراتتى مىلودىيە .
كۈن غەربتىن چىقتى سەن قوشۇلدىڭ پۈتكۈل دۇنيا جور قىلدى مىلودىيەلىك سىنفونىيە .
چۈشلىرىمدە ئارمىنىم ئوڭۇمغا ئايلاندى ، زەيىپ يۈركۈمگە سەن ئاتا قىلدىڭ زىيا. مۇھەببەتسىز قاغجىرىغان بۇ قاقاس دەپتىرىمگە سەن سەۋەبلىك گۈزەلىم سۈركەلدى قارا سىياھ .
ئۆزارا يار يۆلەكتە مۇھەببەت چوڭقۇرلاشتى ، بىراق كۆپەيدى ئوتتۇرىمىزدا زىددىيەت.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىككىمىزنى ئايرىۋەتتى، ماڭا بولغان ئىشەنچىڭدە يوقىدى نىيەت .
تەقدىرنىڭ رەھمىتىدە بىللە ئۆتكەن كۈنلىرىم، ئايلاندى ياشلىقىمنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتىگە.
قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ياراتتىم ئەسەرنى، ئاتلان ساڭا تەۋە مۇھەببەتنىڭ سەپىرىگە .