作词 : Heliqning
作曲 : Heliqning
ئالتۇن پاشاخان
قومۇل 12 مۇقامىدىن پارچە
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
پاشاخان ئۆيۈڭ نەدە سايباغدىكى لەڭگەردە
چۈشۈمگە كىرىپ قاپسەن چارشەنبە سەھەرلەردە
جاننى ئالاملا ئالتۇن پاشاخان
ۋەدىسى يالغان قارا كۆز ئايىمخان
مۇزىكا
بېغىمدىكى ئالماڭنىڭ بىر شېخى راۋاپ بولدى
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم شېرىنجان كاۋاپ بولدى
جاننى ئالاملا ئالتۇن پاشاخان
ۋەدىسى يالغان قارا كۆز ئايىمخان
مۇزىكا
پاشاخاننى ئېلىۋاسام يۈرۈگۈمگە تېڭىۋالسام
ئۆلۈپ كەتسەم ئارمان يوق مۇرادىمغا يىتىۋالسام
جاننى ئالاملا ئالتۇن پاشاخان
ۋەدىسى يالغان قارا كۆز ئايىمخان
مۇزىكا
سىرلىق ساندۇق سىرلايمىز يىلىم بىلەن ھىملايمىز
ئالدىرىمىسلا پاشاخان ئەتە ئۆيگە چىللايمىز
جاننى ئالاملا ئالتۇن پاشاخان
ۋەدىسى يالغان قارا كۆز ئايىمخان
جاننى ئالاملا ئالتۇن پاشاخان