作词 : Furqat
作曲 : Furqat
گۈلى رەنا
......
ئەسلى شېئىر نامى: پىغانكىم
ئەسلى تېكستى: شائىر فىرقەت
ناخشىدا: ئىلھام مۇھەممەد
......
غېمىم كۆپتۈر ئەي گۈلى رەنا
بىخەۋەر سەن نالە زارىمدىن
غېمىم كۆپتۈر ئەي گۈلى رەنا
بىخەۋەر سەن نالە زارىمدىن
پەلەكنىڭ گەردىشى دەۋران
ئايرىدى جانانە يايرىمدىن
پەلەكنىڭ گەردىشى دەۋران
ئايرىدى جانانە يايرىمدىن
......
مۇھەببەت دەردىدە يىغلاپ
ئۆتۈپ ئۆمرۈم ئادا بولغاچ
باياۋانلاردا مەجنۇن تۇتىيا
سېنى ئىزلەپ غۇبارىمدىن
......
ئاداشقانسەن مەن كەبى فىرقەت
قايان بارۇر بىلەلمەسمەن
ئاداشقانسەن مەن كەبى فىرقەت
قايان بارۇر بىلەلمەسمەن
قاچان كەلگەي ياردىن خەۋەر
قىلىپ تاقەت تۇرالماسمەن
قاچان كەلگەي ياردىن خەۋەر
قىلىپ تاقەت تۇرالماسمەن
......
مېنى كىم كۆرسە پەرق ئەتمەس
غازان بولغان باھارىمنى
ئەگەر ئۆلسەممەن ئۈنۈپ چىقسۇن لالەم
مېنىڭ ياتقان مازارىمدىن
مېنىڭ مىسكىن مازارىمدىن
مېنىڭ غېرىپ مازارىمدىن
تېكست كىرگۈزگۈچى: سەردار