作词 : Jasasret Jappar
作曲 : Askar Muhtar
سەپەرگە ئات سېلىپ ماڭغان ئامان بولسۇن
سەپەرگە ئات سېلىپ ماڭغان ئامان بولسۇن
ئاۋامنى قەلبىگە تاڭغان ئامان بولسۇن
ئاۋامنى قەلبىگە تاڭغان ئامان بولسۇن
كۆيۈپ چۆلدە لىۋى چاك-چاك گىياھلارغا
سۈزۈك يامغۇر بولۇپ تامغان ئامان بولسۇن
سۈزۈك يامغۇر بولۇپ تامغان ئامان بولسۇن
♩♩♩
توسۇپ يولنى خىرىس قىلسا ئەگەر دۈشمەن
ئۇنى يەڭگەن، قولى بازغان ئامان بولسۇن
ئۇچارئات مىسلى ئوقيادەك بۇلۇت پەستە
دىلىدا نۇرلىنار ئاسمان ئامان بولسۇن
ئۇچارئات مىسلى ئوقيادەك بۇلۇتلار پەستە
دىلىدا نۇرلىنار ئاسمان ئامان بولسۇن
♩♩♩
كېزەر مەيىن شامال تاڭنى سۆيۈپ ھەردەم
تىزىلغان يىپقا ھەر مارجان ئامان بولسۇن
ئۈنۈپ چىققان ئىزىدىن گۈل قىزىل چوغلۇق
بىلىنى يەشمىگەن پالۋان ئامان بولسۇن
ئەي...
ئامان بولسۇن...
♩♩♩
《祷安歌》
Abdulla Abdurehim 阿不都拉
【阿不都拉工作室】出品
[封面:Phany]
[翻译:木合塔尔·库尔班]
[编辑:ALM灬阿帅]