作曲 : Yakupjan-Baki
تۇتقىسى ئاز كۈندە سېنى كەمبەغەل ئاھ زار بول
作词 : GeNiZaT GaYRaNa
پۇل
باي قەلەندەر كەمبەغەل بايۋەتچى قىلغان بارى پۇل
بىرىنى ئاخۇن قىلپتۇ بىرىنى ئۇ قارى پۇل
بىرنى ئامبال بىرنى دوتەي كۆپىنى پۇقرا قىلىپ
بايغا ئاق قان بولمىغان يوقسۇل بىلەن ھېچ كارى پۇل
مىڭلىغان ئون مىڭلىغان گۈلدەك چىراينى بىر ۋاقىت
سۇلدۇرۇپ قىلدى خازان قىلدى كېسەل بىمارى بول
گاچىنى سايراتتى بۇلبۇلدەك مېيىپنى سەكرىتىپ
راستىكەن بەك راستىكەن بۇجاھاننىڭ كارى پۇل
بۇ جاھاننىڭ ئاچقۇچى بولغاچ ئۇنىڭدا ۋادەرىخ
ھەقنى ناھەق راستنى يالغان قىلماققا بەك جارى پۇل
ئوتمۇ پۇل ھەم سوتمۇ پۇل ۋە ئول شەرىئەت ھۆكۈمىنىڭ
تومۇرىدا قان بولۇپ ، ئاق قان قۇۋۋەت مادارى پۇل
مەن جاھان چولپانى دەپ يۈرگەن سەتەڭمۇ بىر كۆرۈپ
مەيلى نى ئىشقىنى بەرگەن ئاشىقى دىلدار پۇل
ئەسكى پۇل ھەم ساختا پۇل ئەي جان ئالارنىڭ قەستكە پۇل