作词 : EZAH/Dellz亚斯
作曲 : EZAH/Dellz亚斯
پەرۋاز قىلىمەن ئەركىن سامادا
يۇلتۇزلارھەمراھ .
ئاي ماڭا ھەمراھ
يۈرىكىمگە تولدىغۇ دەرتلەر ھېچكىمگە بىلدۈرگۈم يوق
چۈنكى سېنى چۈشىنىدىغان ئادەم بىلەن قېشىڭدا ساناپ باق نەچچىسى يوق
دەپتىرىمگە ئۆزۈمنى يازدىم ئەسلەپ
مېنىڭ بۇنداق بولغۇم يوق ئىدى
دەسلەپ قىلدىم ئۆزۈمنى قەستلەپ
تۇرمۇش قوينىدا مەن يەنە ئەسنەپ
چۈشتىن ئويغىنىپ رېئاللىق ئالدىدا تېرىش ئىشلەش بولىدىغۇ ئادەم
بۇ كۆرۈنۈش خۇددى تۇيۇلدى ماشىنا ئادەمنى ئىشلىتىۋاتقان ھالەت
تەۋەككۈل قىلىپ ئىنتىلىپ نەتىجىدە مەغلۇبىيەتتىن قايتۇرۇپ بەرگەن
ئىنسانچىلىقتا ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش نورمال بولۇشنىڭ بەلگىسى
ئىدىيەمنى ئەگىتىپ ئۆزۈمنى باشقىچە ئۇسۇلدا يازغان
ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە قاراپ ھازىرقى بۇرۇنقى ئۈزۈمدىن تانغان
كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنمەسلىكنىڭ تۈپ مەسىلىسى نېمە
خەققە ئىشىنىپ ئاخىرىدا ئۆزۈڭ پۇشايمان يىمە
بۇ يوللاردا ئارمان جىق ئارماننى توسىدىغان دەرمان جىق
بىھۇدىلىققا كەتكەن ۋاقىتنى ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم بەك جىق .
قايتا يۇرتتاي دەيمەن تۇتۇپ كېلىش گۇۋاھلاشقان چېھرىمنى
قوللاش ۋە مەدەت ئۇرغۇتىدۇ ئىسپىرتتەك ئىشەنچىمنى
پەرۋاز قىلىمەن ئەركىن سامادايۇلتۇزلارھەمراھ .ئاي ماڭا ھەمراھ
ئاچتىم مەن دەپتىرىمنىڭ بىرىنچى بېتىنى .
نەزەر سالدىم قانغا بۇيرۇلغان خەتكە .
چاپتۇرالمايدۇ ھېرىپ قالغان قېرى ئىتىنى
يۈز كېلەلەمسەن مەيدەڭگە چىققان تۈككەجاھان كېزىپ يۇرتتىن يىراق .
زۇلمەتلىكتىن سەزدىم مەن مەغلۇبىيەتنىڭ پۇرىقىنى .
خەلقىم چۈشەنمەيدۇ كۆڭلى مەندىن يىراق .
ئىزدەپ ماڭدىم ، مەن ئەڭ ئاخىرقى . ئۇتۇقنىڭ پۇرىقىنى .
پەرۋاز قىلىمەن ، ئاتام بەرگەن قاناتنى .
تەسەللىي بەرگەن ئىدى يارىلانغان يۈرىكىمگە .
سۇندۇردۇم ئۆسۈپ چىققان قاناتنى .