作词 : Yong-MoX
作曲 : Yong-MoX
歌曲名
Yalhuz 独身
قاپقارا كۆز ئالدىم،
ئۆزۈم بىر ئويۇمدا.
ۋۇجۇدۇمدا ھەمرا سەن،
قەلىبلاردىن ئازابمۇ مەن.
ئۆزگېلەر ئوت سالدىمۇ،
كۈلكەڭنى ياش قىلدىمۇ .
شۇ ئاجىز تەنگە داۋا يوق،
سۆيگۈمگە ھېچ راۋا يوق .
يالغۇزلۇق ماڭا بولىۋەرسۇن ھەمراھ .
يار بولسا مەڭگۈ ئويۇمدا مېنىڭ.
يالغۇزلۇق ماڭا بولىۋەرسۇن ھەمراھ .
يار بولسا مەڭگۈ مەڭگۈ ئويۇمدا مېنىڭ.
قەدەم بولماس سۆيگۈسىز .
يۈرەك بولماس كۈلكىسىز .
ھايات بولماس زادىلا،
زادىلا سەن سىز.
قەدەم بولماس سۆيگۈسىز .
يۈرەك بولماس كۈلكىسىز .
ھايات بولماس زادىلا،
زادىلا سەن سىز سېنىڭ سىز.
مۇزىكا
كۆڭۈل بۆلگەننى بىلدىم،
كۈلگەننى ھەم بىلدىم .
سۆيگەچكە سېنى،
كۆيگەندۇ دەپ يۈردۈم .
ھەسرەتتە قالدىم،
يامغۇرمۇ ھەم تەڭلا .
كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى تىكىلگەندە ماڭا .
يالغۇزلۇق ماڭا بولىۋەرسۇن ھەمراھ .
يار بولسا مەڭگۈ ئويۇمدا مېنىڭ.
يالغۇزلۇق ماڭا بولىۋەرسۇن ھەمراھ .
يار بولسا مەڭگۈ ئويۇمدا مېنىڭ.
قەدەم بولماس سۆيگۈسىز .
ھايات بولماس كۈلكىسىز .
ھايات بولماس زادىلا،
زادىلا سەن سىز.
قەدەم بولماس سۆيگۈسىز ،
يۈرەك بولماس كۈلكىسىز .
ھايات بولماس زادىلا،
زادىلا سەن سىز سېنىڭ سىز.