作词 : WHP-瓦哈普
作曲 : WHP-瓦哈普
编曲 : WHP-瓦哈普
كىيگەن ئاپپاق كۆينەك بەك يارىشىپتۇ بويىغا
پەرى كەبى گۈزەل ئىكەن ئۇ قاراپ قالدىم يولىغا
بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسە دېگۈم كەلدى ئۇنىڭغا
لېكىن مەندە جۈرەت يوق ھەي بارالمىدىم يېنىغا
يىراقتىنلا قاراپ تۇرىمەن ئۇنىڭ زىلۋا بويىغا.
ماسلاشتۇرۇپ تىللا ئۈزۈك سالغۇم كەلدى قولىغا.
شۇ خۇمارلىق كۆزلىرىگە مەپتۇن بولدۇم بىراقلا.
لەيلىسىز مەن مەجنۇن بولدۇم كەتسەم دەيمەن يىراققا.
تولۇن ئايدەك، رۇخسارىڭغا قاراپ خىيال سۈرمە.
، پەرىدەك جامالىڭنى چۈشلىرىمدە كۆرىمە
بەختىم تېخى كەلمىدى، مەن شۇڭا يالغۇز يۈرىمەن.
تەقدىر قېتىلمايدۇ شۇنداق بۇنى مەنمۇ بىلىمەن.
لېكىن گۈزەل جامالىم خىيالىمدىن كەتمەيدۇ
گۈزەللەرنىڭ ئەڭ گۈزەلى ساڭا ھېچكىم يەتمەيدۇ
سېنىڭ كۈلكەڭ شۇ رۇخسارىڭ مەسخۇش قىلىدۇ يۈرەكنى
ھاياتىمدا پەقەت بىر سەن تاپالمايمەن بۆلەكنى.
لېكىن ئەپسۇس نۇرغۇن ئىشقا ئامالسىز مەن بولدىلا
توختاپ قالار ئۆز جايىمدا، سەنمۇ ئارتۇق ئويلىما.
بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى ئۆزۈم يالغۇز يازالايمەن.
مەنمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆز بەختىمنى تاپالايمەن.
كۆزۈم چۈشكەن شۇ ئەتىرگۈل ماڭا تەۋە بولمىدى.
خەقنىڭ گۈلى تالاشمايمەن يۈرىكىم يول قويمىدى.
مۇھەببەتتىن تەلىيىم يوق، بولدى يالغۇز يۈرۈيمەن.
خۇشال ئۆتسۇن ھەر بىر كۈنۈڭ ساڭا بەخت تىلەيمەن.
كىيگەن ئاپپاق كۆينەك بەك يارىشىپتۇ بويىغا
پەرى كەبى گۈزەل ئىكەن ئۇ قاراپ قالدىم يولىغا
بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسە دېگۈم كەلدى ئۇنىڭغا
لېكىن مەندە جۈرەت يوق ھەي بارالمىدىم يېنىغا