作词 : Yakupjan yasin
作曲 : Ghulameli Ghupur
配器:克里木江•买买提艾力
翻译:努尔江•艾力
♡ HayatFM saloni ♡
گۈلۈمسارە
دىدارىڭنى كۈرەلمەي يار يۈرەك باغرىم تۈمەن پارە
ئۈزۈم ئاشىق داۋاسىزمەن بۇ دەردىمگە ئۈزۈڭ دارە
ۋاپا كەلمەس بۈلەكلەردىن چاتاق چىقتى يۈرەكلەردىن
كىلە يارىم يىراقلاردىن ئۈزۈڭ قىلغىن ماڭا چارە
خۇمار بولدۇم سۈيۈشلەرگە ئەسلەپ سىنى كۈتۈشلەرگە
چىدايمەن ھەم كۈتۈشلەرگە بىلەرسەنمۇ بۇنى يارە
بۇلۇپ مەجنۇن كۈيەرمەنمۇ لىۋىڭگە بىر سۈيەرمەنمۇ
يەنە يىللار كۈتەرمەنمۇ دىدارىڭغا بولۇپ زارە
ساڭا شۇنچە كۈيەپ قالدىم ئامال قانچە كۈنەپ قالدىم
كىچە ساقلاپ تۈنەپ قالدىم بولۇپ مەلەڭدە ئاۋارە
قانارمەنمۇ دىدارىڭغا يىتەرمەنمۇ ۋىسالىڭغا
سىنىڭسىز يوق ماڭا راھەت سىنى ئەسلەش ماڭا ئادەت
چىدالمايمەن قىلىپ تاقەت كىلە تىزراق گۈلۈمسارە