作词 : 尝一口你的草莓唇
作曲 : 尝一口你的草莓唇
ئايرىلدىمغۇ سەندىن يىراق
تەلمۈرۈپ يولۇڭغا بىراق
كۆزگە ئۇيقۇ كەلمەس ھەر كەچ ئاخشام
بىلمىدىم ، گۇناھىم نېمە
بارلىقىمنى ئاتاپ ، ساڭا
قانداق قىلاي ئەمدى قىينىما
توسمايمەن يولۇڭنى مەيلى كەتسەڭ يىراق
خار قىلدىڭ ، سۆيگۈمنى ياتلاردىن گۈل سوراپ
تەلمۈرۈپ كېچىدە يۇلتۇزسىز ئاسمانغا
سېغىنارمەن مەن سېنى
كەچۈرگىن گۈزەلىم سۆيگەنتىم ، مەن سېنى
بىلمىدىم نېمىشقا ۋاز كەچتىڭ سۆيگۈمدىن
قالدىغۇ يۈرەكتە تۈگىمەس بۇ ئازابلار