作词 : 无
作曲 : 无
ئۇستازىم
قەلبىمگە ئىلىمدىن ئۆچمەس ئوت ياققان
ئانامدەك ئۆمرۈمگە ئۈمىدلەر قاتقان
ئارمىنىم سىز بىلەن قاناتلار قاققان
مېھرىبان قەدىردان ئەزىز ئۇستازىم
ئارمىنىم سىز ئۈچۈن ياڭرايدۇ سازىم
♪ ♪ ♪
باغۋەن بولۇپ بەختىمنى گۈللەتكەنمۇ سىز
كۈلۈشنى سۆيۈشنى ئۆگەتكەنمۇ سىز
ھاياتقا ئاشىق قىلىپ كۈيلەتكەنمۇ سىز
مېھرىبان قەدىردان ئەزىز ئۇستازىم
ھۆرمىتىم سىز ئۈچۈن قىلغايمەن تازىم
♪ ♪ ♪
ئا....ئا....ئا....
ھاياتىم گۈل بولسا سىز گۈل باھارى
ناخشا ئېيتسام سازىمنىڭ ئۈزۈلمەس تارى
بۇ قەلبىم ئارامىم شادلىق ئىزھارى
مېھرىبان قەدىردان ئەزىز ئۇستازىم
ھۆرمىتىم سىز ئۈچۈن قىلغايمەن تازىم
——
「封面:Phany」
『阿不都拉工作室』出品