作词 : VECKE不一般
作曲 : VECKE不一般
v1
يۈرەك ئىدى گۇلزارلىق ئۇنىڭدا بار ئىدى بىر خۇش پۇراقلىق
قۇرۇپ كەتكەن رەيھانمۇ تۇرار ، جايى جايى يانتاقلىق
پەرۋىش قىلغاچ گۈل ھىدىدىن مەست بولۇپ ئۇخلاپ قالدىم .
تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم ، توزۇپتۇ ۋاقىراپ سالدىم .
كۈندۈز كېچە كېچە كۈندۈز ئۆتتى بىركۈنۈم يالغۇز ئىچىدە .
كۆرگەنلىرىم ساختا ، ئەمما تاپالمىدىم ئۆزۈمگە تەسەللى .
يالغۇزلۇقتىن قورقىمەن ، شۇنداق ياشلىرىم تامچە توختاپ باقمىدى .
تەنھا سوققان بۇ يۈرەك بۇ تەڭكەش كۈيگە تەلپۈنەلمىدى
v2
سەن كېتىپ توختاپ باقمىدى مېنىڭ سېغىنىش ياشلىرىم .
چېكىنىشكە يول ئالمىغان ھەمئۆزۈمنى تاشلىغان .
تىلىم دىلىمغا ئاساسى روھىم تېنىمغا ئاساسى بولغان چاغدا بەرگەن جاۋابىڭ كىمنىڭ كىم بىلەن كارى ؟
بولۇپتۇ كەتسەڭ كېتىۋەر باشقىلارنىڭ يېنىغا مەيلى .
سەنلا خۇشال بولساڭ ، بولدى كۈلۈپ ياشىغىن قوينىدا .
مەنمۇ يالغۇز قالمايمەن ، ئويلاپ يۈرمە ، ئەمدى مېنى .
بولدىلا ، دېدىم ئۆزۈمگە كەلمە يېنىمغا .