作词 : Muhriddin Holiqov
作曲 : Muhriddin Holiqov
«خىيالدىكى سۆيگۈ»
خىيالىمدا ياشاپ يۈردۈڭ يېگانە
سېنى دەپ مەن ئەقلى-ھوشتىن بىگانە
ساڭا مەپتۇن ھەتتا كۆكتە ھىلالە
زىلالە زىلالە زىلالە
ساڭا مەپتۇن ھەتتا كۆكتە ھىلالە
زىلالە زىلالە زىلالە
ئەتەي ئۆتكەچ كۆز تىكەرمەن يولۇڭغا
كېلىپ قالساڭ گۈل تۇتارمەن قولۇڭغا
قىينالدى جان يول تاپالماي يېنىڭغا
زىلالە زىلالە زىلالە
قىينالدى جان يول تاپالماي يېنىڭغا
زىلالە زىلالە زىلالە
بەلكى سۆيگۈڭ پىنھان ئىرۇر دىلىڭدا
ئەمما ئۇنى چىقارمايسەن تىلىڭغا
بەلكى سۆيگۈڭ پىنھان ئىرۇر دىلىڭدا
ئەمما ئۇنى چىقارمايسەن تىلىڭغا
رەھىم ئەتكىن مەن شەيدا بۇلبۇلۇڭغا
زىلالە زىلالە زىلالە
رەھىم ئەتكىن مەن شەيدا بۇلبۇلۇڭغا
زىلالە زىلالە زىلالە
___
ئابدۇللا ئانسامبىلى
【阿不都拉工作室】出品