作词 : Alimjan Mamtimin
作曲 : Classic-Music
编曲 : Classic-Music
تىكسىت يازغۇچى:ئابدۇراخمان
مەنغۇ جېنىم دەپتىمەن مېنى جېنىم دېدى كىم؟
مەن غېمىنى يىگەندەك غەملىرىمنى يىدى كىم؟
كۈلگىنىمدىن دىلمدا يىغلىنىم كۆپ ئىكەن
ئېيتمىساممۇ ھالىمنى كۆزلۈرۈمدىن بىلدى كىم؟
ئېيتمىساممۇ ھالىمنى كۆزلۈرۈمدىن بىلدى كىم؟
سىرداش تاپقاق ئاسانمۇ ئازار يىگەن يۈرەككە
ھەسرىتىمگە تەڭ يىغلاپ شادلىقىمغا كۈلدى كىم؟
ياخشى دىدىم چاندۇرماي قالسام يامان كۈنلەردە
لەختە بولغان يۈرەكنى ئاشۇ پېتى كۆردى كىم؟
ياخشى دىدىم چاندۇرماي قالسام يامان كۈنلەردە
لەختە بولغان يۈرەكنى ئاشۇ پېتى كۆردى كىم؟
ئاخشاملىرى ياتمىدىم بىر كىملەرنىڭ دەردىدە
مەن ياتمىغان كېچىدە مەن دەپ خىيال سۈردى كىم؟
كۆچەت تىكسەم غاجاشقا ئېغىز تولا ۋە لېكىن
كەتمىنىڭنى ئەكەل دەپ ئىشلەشكە يەڭ تۈردى كىم؟